ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتىكەن

ئىنتېرنېت ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «خەلقئارا ئېلېكترونلۇق چېگرا فوندى» ناملىق تەشكىلات ئۆز دوكلاتىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ «2016-يىلى ئىچىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خاككىرلىق ھۇجۇملىرى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئامېرىكىنىڭ مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرى ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىلىرىغا قارىتىلغان ئۇچۇر ۋە تېخنىكا جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل ئىچىدە بۇ خىلدىكى تور ھۇجۇملىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالانغان ئالاقىدار كېلىشىملەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما خىتاي، ئۆز ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ئورگانلىرىغا قارىتىۋاتقان تور ھۇجۇمىنى ئەينەن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى «پالو ئالتو» ناملىق تور بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرىنى كۆزىتىدىغان بىر گۇرۇپپا خىتاي تور ھۇجۇمچىلىرىنى بايقىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان ھەرىكەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىختىلاپى بار ئاز سانلىق مىللەت تەشكىلاتلىرىنى ناھايىتى ئەتراپلىق نازارەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ تور بەت ۋە ئېلخەتلىرى كۆپ قېتىم تور ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.