تىك توكتىكى شەخسىي ئۇچۇرلار ئاللىقاچان خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ بولغان

«ئامېرىكا رادىيو تورى» يېقىندا ئامېرىكالىقلارنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا گەرچە تىك-توك ۋە ئۇنىڭغا باغلىق ئەپلەرنى چەكلىگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەپسىزلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىكەن. چۈنكى تىك-توكنى ئىشلەتكەن ئامېرىكا ئابونتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئاللىقاچان خىتايغا كېتىپ بولغان.

ئامېرىكادىكى تور بىخەتەرلىكى شىركىتى Feroot نىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكانىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى، توردا مال سېتىش شىركەتلىرىدىن تارتىپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىگىچە تىك-توكنىڭ Pixels )سۈرەتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى) دەپ ئاتىلىدىغان جاسۇسلۇق دېتالى يوشۇرۇنغان بولۇپ، تورغا كىرگەنلەرنىڭ ئىسىم فامىلىسى، شىفىرى ۋە جەزملەشتۈرۈش كودىنى توپلاپ ماڭىدىكەن. ئابونتلار زاپاسلىنىپ قالغان ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ بولغىچە، ئۇ جاسۇسلۇق دېتالى تورغا كىرگەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا ياكى رۇسىيەگە يوللاپ بولىدىكەن. دېمەك، ئابونتلار تىك-توكنى ئىشلەتمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئەپ دېتالى ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ساقلىۋالىدىكەن. ئابونتلار بۇ ئەپنى ئۆچۈرۈۋەتكەن ھالەتتىمۇ، تىك-توك ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، خىتايغا يوللاپ بېرىدىكەن.

گوگول شىركىتى مۇتەخەسىسلىرى بىر يىلدەك تەكشۈرۈش ئارقىلىق تىك-توكنىڭ بۇ مىكرو جاسۇسلۇق ئىقتىدارىنىڭ گوگول، مىكروسوفت قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭ تور بەتلىرىنىڭ ئەسلى كودىدا ساقلىنىپ، يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىل 6-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكادىكى يېڭى تىك-توك ئابونتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاللىقاچان «چىغىناق-تاغاق يېزىقى» تور بوشلۇقىغا توپلانغان، 10-ئايدىن كېيىن بۇ تور بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقى تىك-توك خىزمەتچىلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىزمەتچىلەر ئامېرىكادىكى ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى باشقۇرماقتا ئىكەن.