ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيەلەرنى ئاساس قىلغان ئاساسىي قاتلامدا «قىش مەزگىللىك ئون مىڭ كىشىلىك تەشۋىقات پائالىيىتى» باشلانغانلىقى مەلۇم.
«ئاقسۇ گېزىتى» تارقاتقان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى «شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى تونۇش، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن قانداش ئىكەنلىكىنى تونۇش»، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تونۇش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«شىنجاڭنىڭ تۆت تارىخىنى توغرا تونۇش» دەپ ئاتالغان بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن قاتارلىقلار يېقىندا ئارقىمۇ-ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قەدىمكى تارىخىنى ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى مۇقىملىق شىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدىكى نىشانىنى ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخ ساھەسىگە قارىتىپ، تارىخنى سىياسەتكە ماسلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليونغا يېقىن كىشىنى لاگېرغا قاماش، لاگېر سىرتىدىكىلەرنىمۇ تۈرلۈك-تۈمەن تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا ‹مەن جۇڭگولۇق›، ‹ۋەتىنىم جۇڭگو›، ‹مىللىتىم جۇڭخۇا مىللىتى› دېگەنلەرنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىك ئېڭىنى يوقىتىشقا، تارىختا قۇرغان مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.