مەشھۇر تەرجىمان توختى باقى ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، خەلق ئىچىگە ياخشى تونۇلغان پېشقەدەم زىيالىي توختى باقى ئارتىشى 29-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، توختى باقى ئارتىشىنىڭ ئەسلى يۇرتى ئاتۇشنىڭ ئىشتاچى كەنتىدىن بولۇپ، 1922-يىلى تۇغۇلغان.

توختى باقى ئارتىشى شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 1939-1953-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا مەتبۇئات ۋە ھەر قايسى ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. 1953-يىلىدىن كېيىن بېيجىڭدا مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىيات ئىدارىسىدە تەرجىمان بولغان. 1961-يىلىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىپ، بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزدى.

ئۇنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار زىيالىيلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ، خىتاي ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستىسى لۇشۈننىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، خىتايدىكى لۇشۈنشۇناسلار قاتارىغا كىرگەن. ئۇ كۆپلىگەن رومان، پوۋېست، نەسىر ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەمدە ئىلمىي-نەزەرىيە ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلىنىڭ موللىشىشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشقۇچى ئىدى.

توختى باقى ئارتىشى تەرجىمىچىلىك نەزەرىيىسىگە ئائىت « تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟»، «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر» ۋە باشقا ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرغان.

ئەلۋەتتە، تەرجىمىچىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن قىسمى، ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىك تارىخىدىكى باشلامچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تەرجىمانلىرى قەدىمكى، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە كېيىكى دەۋرلەردە سانسكرىت، سوغدى، خىتاي، ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىن ھەر خىل ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان بولسا، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تەرجىمانلىرى دەسلەپتە رۇس تىلىدىن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي، ئىنگلىز، ياپون ۋە باشقا تىللاردىن كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى. تەرجىمىچىلىك بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. توختى باقى ئارتىشى ئەنە شۇ ھازىرقى زامان تەرجىمىچىلىكى تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگىدۇر.