ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلەرگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىزچىل ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلمەكتە. ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلېر يېقىندا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتلەر ئارا تويلاشقاندىن كېيىنكى مۇھەببىتى» ناملىق ماقالىسىدىمۇ مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇلاھىزە قىلىنغان.
دەررىن بايلېر ماقالىسىنىڭ باشلانمىسىدا ئۆز-ئارا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بىر جۈپ ئۇيغۇر قىز-يىگىتنىڭ ھېكايىسى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر يىگىت چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كېتىشى بىلەن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى بىز خىتاي ئەرگە ياتلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان، شۇ سەۋەبتىن بۇ بىر جۈپ ئۇيغۇر قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببىتى خىرىسقا دۇچ كەلگەن.
دەررىن بايلېر ماقالىسىدە يەنە تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ ئارىلىشىپ توي قىلىش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ھالبۇكى 2018-يىلىدىن كېيىن بۇ نىسبەتنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ئۆزىنى «بىڭتۇەننىڭ پىدائىي جەڭچىسى» دەپ ئاتىۋالغان بىر خىتاينىڭ تۈزۈپ چىققان «ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتۇش كېرەك» ناملىق ئاتالمىش «نىكاھ قوللانمىسى» ھەققىدە توختالغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىدىن قانداق ئوبېيكت تاللاش ۋە ئۇلار بىلەن بولغان مۇھەببەت جەريانىنى «قانداق راۋاجلاندۇرۇش» قاتارلىق نۇقتىلاردا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلگەن ئىكەن.
دەررىن بايلېر بايانلىرىدا يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ مەلۇماتلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللەتلەر ئارا ئارا تويلىشىشنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ «قوشماق تۇغقان» ئى بىلەن توي قىلىشقا زورلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
دەررىن بايلېر ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇھەببەت كەچمىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بىر جۈپ ئۇيغۇر قىز-يىگىتىنىڭ ھېكايىسىنى قايتا تىلغا ئېلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي يۈزلىنىشىگە سوئال قويىدۇ.