ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېقىندا بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتاينىڭ «جاسۇسى» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. پرېزىدېنت ترامپ 7-ئاۋغۇست كۈنى نېۋجېرسېي شتاتىدىكى بىر گولف مەيدانىدا بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئامېرىكا ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدە قىلىدىغان خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا» دائىر پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان.
«پولىتىكو گېزىتى» نىڭ ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان بىرەيلەننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپ كەچلىك زىياپەتتە ئۇنىڭ «بۇ دۆلەتكە ئوقۇغىلى كەلگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىسى جاسۇس» دېگەن. خەۋەردە، يۇقىرىقى بىرەيلەن پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاينى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتاينى كۆزدە تۇتقانلىقى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3 دەن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئامېرىكا ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىلمىي خادىملىرى مەسىلىسىدە بەك ساددا ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ «پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتى ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
«پولىتىكو گېزىتى» نىڭ بايان قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ كەچلىك زىياپەتتە يەنە شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنىڭ دۇنيا سودىسىغا ھاقارەت ۋە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇنى ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ يەنە ئامېرىكىنىڭ 50 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇشىغا قارىتا خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللانغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقى ۋە قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. نېۋجېرسېي شتاتىدىكى كەچلىك زىياپەتكە ئامېرىكىنىڭ بوئېڭ، كوكا-كۇلا، فيات-كرىسلېر قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان.