ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئارگېنتىنادىكى ئۇچرىشىشى ئالدىدا كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.11.29

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى ئارگېنتىنادا ئېچىلىدىغان «G-20» دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئۇچرىشىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇردى.

29-نويابىر كۈنى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ۋە «ۋول-سترىت ژۇرنىلى» گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى تەتقىقات ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدا قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىدىكى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خىتاي ئوقۇغۇچى-تەتقىقاتچىلارنىڭ سانىنى قىسقارتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا ئۇچۇر تېخنولوگىيەسى ۋە تەرەققىيات فوندىنىڭ باشلىقى روبېرت ئاتكىنسون ئەپەندىمۇ بۈگۈن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنى «G-20» دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ تىجارىي مەسىلىلەردە بەرگەن ئاندا-ساندا ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپلا بولدى قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشلامچىلىق ئورنىنى ئىگىلەش، ئۇنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاپ، ئامېرىكىنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ماقالىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ بۇنى پەقەت سودىدىكى ئادەتتىكى ئىختىلاپ دەپ قاراپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئالدىدا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىسمۇ سۆز قىلىپ، پرېزىدېنت دونالد ترامپنى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.

ئۇ بۇ سۆزنى چارشەنبە كۈنى «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان. ئۇ يەنە پرېزىدېنت ترامپنى «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.