جاستىن ترۇدۇنىڭ قىرغىنچىلىققا «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

كانادادا نەشر قىلىنىدىغان «تورونتو قۇياشى» گېزىتىنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانادانىڭ باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدۇ يىللاردىن بۇيان يەرلىك خەلقتىن بولغان ئىندىيان قىز-چوكانلىرىنىڭ غايىب بولۇپ كېتىشى ۋە «ئاياللار ئۆچمەنلىكى»نىڭ قۇربانى سۈپىتىدە ئ‍ۆلتۈرۈلۈشىنى «كانادا سادىر قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق، بىز سىياسىي جەھەتتىكى يان بېسىش خاھىشىغا ئەگەشتۇق» دەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

12-نويابىر كۈنى ئۇ مۇشۇ تېما ھەققىدە سۆز قىلغاندا مۇخبىرلاردىن ئاننى ئولىۋېر (Annie Oliver) ئۇنىڭغا سوئال قويۇپ: «ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى ھەققىدە نېمە ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە قارار ئالمايدۇ؟ كانادا پارلامېنتى بۇ ھەقتە قارار ئالدىغۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

باش مىنىستىر جاستىن ترۇدۇ بۇ ھەقتە گەپ يورغىلىتىپ: «قىرغىنچىلىق ئاتالغۇسى تولىمۇ ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى خەلقئارادىكى مۇۋاپىق دائىرىلەر تىلغا ئالسا بولىدۇ» دېگەن. ئاپتور بۇ ھالنى تەنقىدلەپ: «ئۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشتىن، شۇنىڭدەك زور قۇدرەتكە ئىگە بولغان بىر دىكتاتورغا ھاقارەت قىلىشتىن قورقۇۋاتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تاشقىي سودا مىقدارى كانادا ئىقتىسادىنىڭ غوللۇق تەركىبىي قىسىملىرىدىن بولغاچقا، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى كانادا ئۈچۈن غايەت زور ئىقتىسادىي زىياندىن دېرەك بېرىدىكەن. ئىقتىسادىي ئانالىزچى كارېل براندېنبېرگ (Karel Brandenberg) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نۆۋەتتە كانادانىڭ خىتايدىن توۋار ئىمپورت قىلىشى ئىزچىل ئېشىپ ماڭماقتا» دېگەن .