دونالد ترامپ: «سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇنىزم پەقەتلا ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىمتىيازىدىن باشقا نەرسە ئەمەس»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشتىكى ئاتالمىش «جۇڭگو چۈشى» خەلقئارادا، جۈملىدىن ئامېرىكادا كۈچلۈك ئىنكاسى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

24-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيو-يوركتىكى باش شتابىدا ئېچىلغان 74-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم ھەققىدە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىنىڭ باشلانمىسىدا «دۆلىتىمىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي رىقابەتلەرنىڭ بىرى سوتسىيالىزمنىڭ ئەرۋاھلىرىدۇر. سوتسىيالىزم بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىساسچىسى ھەم جەمئىيەتنىڭ بۇزغۇنچىسىدۇر،» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇنىزم ھەققانىيلىق ياكى باراۋەرلىك دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت بىرلا مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىمتىيازى.»

دونالد ترامپ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مەن شۇنى قايتا-قايتا تەكىتلەيمەنكى، ئامېرىكا مەڭگۈ سوتسىيالىستىك دۆلەتكە ئايلانمايدۇ. ئۆتكەن ئەسىردە 100 مىليون ئادەم سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى،» دېگەن.

يىغىندا گەرچە دونالد ترامپ سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم يولىدا مېڭىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە ئاتىمىغان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ خىتايغا قارىتىلىپ دېيىلىۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.