بۈگۈن، يەنى 8-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى «ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىرەيلەن 8-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ترامپنىڭ مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇشنى پىلانلاۋاتقالىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن قاچان ئىمزا قويۇدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئىلگىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، 27-ماي كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىنىپ، ئۆتكەن ھەپتە پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغان ئىدى.
«قانۇن لايىھەسى» دە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا جاۋاپكارلىقى بار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى، خوڭكوڭ مەسىلىسى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك جىددىلىشىپ كەتكەن مەزگىلدە پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغان. پرېزىدېنت ترۇمپ يېقىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» نى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 8-ئىيۇن كۈنى ئاقساراينىڭ قارارىغا قارىتا پىكىر بايان قىلىش تەلىپىگە دەرھال جاۋاپ بەرمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» گە قارشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى» دە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئىدى.