خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كەلگەن ئۇيغۇر-خىتاي «تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر-خىتاي «تۇغقانچىلىقى» نى ئالغا سۈرۈش سىياسىتى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا تېخىمۇ كۈچەيگەن. دائىرىلەر بىر مىليون 200 دەك خىتاي كادىرىنىڭ «تۇغقانچىلىق» نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىراق بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ھاياتىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق، دەپ ئەيىبلەنگەنىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىماي 5-ئاۋغۇست كۈنى يىغىن چاقىرىپ، «تۇغقانچىلىق» سىياسىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-ئاۋغۇست چېن چۈەنگونىڭ باشچىلىقىدا چاقىرىلغان كېڭەيتىلگەن يىغىنى، بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتنى ئاڭلىغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ دوكلاتنىڭ تەپسىلاتى تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن يىغىندا بۇ سىياسەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاق بىر تۇغقان» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ سىياسەت ئىلگىرى «قوشماق تۇغقانچىلىق» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قوشماق تۇغقان» دېگەننى «مىللەتلەر ئىتتىپاق بىر تۇغقان» غا ئۆزگەرتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بىراق بۇ ھەرىكەت ئىلگىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «تەشكىللىك باسقۇنچىلىق»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پارچىسى» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تولۇق ئىجرا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بىر تۇغقان ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش»، بۇ جەھەتتىكى مېخانىزمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىپ-كېلىشى، ئومۇمىيۈزلۈك ئالاقىسى ۋە قوشۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بەشنى ئېتىراپ قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» تەلەپ قىلىنغان. بىراق خەۋەردە بۇ جەھەتتىكى قانداق مېخانىزملارنى كۈچەيتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.