پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «تۇغقانلار سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى تەشۋىقاتقا سېلىش ھەرىكىتى نۆۋەتتە پاكىستاندا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ تۇغقانلار سۆھبىتى» دە يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلغان. ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرى بولسا ۋىدىيولوق سۆھبەتتە ئۆزلىرىنىڭ قانداق «بەختىيار ۋە شادىمانلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى» نى سۆزلىگەن. «گىلگىت-پاكىستان خىتاي مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئابدۇقەييۇم مىجىت ئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ماكاننى بەك ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ھەقلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە. دىنىي ئېتىقادتا ھېچقانداق چەكلىمە يوق. مەسچىتلەرنىڭ شارائىتى بەك ياخشى» دېگەن.

ھالبۇكى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردىكى مەنئى قىلىنغان تىلغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، دىنىي ئېتىقادقا چېتىشلىق ھەرقانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا باغلىنىپ لاگېرلارغا يوللىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا يۈزلىگەن مەسچىتلەرنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز بولمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم نىشانى پاكىستان ئاھالىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قانداق «ياخشى ھاكىمىيەت» ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلماقتا ئىكەن.