يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلىرىدىن قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشى خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا ئەگىشىپ، بۇ قىلمىشنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ھەققىدىكى چۇقانلار تۇشمۇتۇشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا يېڭىدىن جازا قوللىنىش ئۈچۈن جىددىي مۇزاكىرە باسقۇچىغا كىردى.
2-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن مىنۇچىنغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى. بۇ مەكتۇپتا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قىز-چوكانلارنى تۈرلۈك تېببىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشىغا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشنى جىددىي تەلەپ قىلدى.
بىرلەشمە مەكتۇپتا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەجبۇرىي يوسۇندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ ماھىيەتتە غەرەزلىك ھالدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ۋەيران قىلىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوق قىلىشتەك دەپسەندىچىلىك قىلمىش ئىكەنلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىگە قارىتا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈش تەلەپ قىلىندى. مەكتۇپتا «بىز سىلەرنىڭ بۇ يىرگىنچلىك قىلمىشنى ئەيىبلەپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، مۇشۇ قاباھەتلىك جىنايەتكە جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قوللىنىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «بۇ ۋەھشىيانە جىنايەتلەرگە ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى لازىممۇ-يوق» دېگەن مەسىلە ھەققىدە بىر رەسمىي قارار ئېلىشقا چاقىردى.
بۇ مەكتۇپتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىشىغا بىۋاسىتە ياردەملىشىپ، قىز-چوكانلارنى تۇغماس قىلىۋېتىشكە ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە خىتاي سەھىيە تەشكىلاتلىرىغا «يەر شارى ماگېنتىسكى قانۇنى» بويىچە جازا قوللىنىش، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تەكشۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دىيارىغا مەسئۇل بولغۇچى ئالاھىدە مۇپەتتىش بەلگىلەش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى. مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىغا قوللىنىلىۋاتقان بۇ ۋەھشىيانە تەدبىرلەرگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا جامائىتىدىن كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمدى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت باشلاشنىڭ پەيتى كەلدى» دېيىلىدۇ.
مەزكۇر بىرلەشمە مەكتۇپقا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن 76 كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە ناھايىتى كۆپ ساندىكى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئىمزا قويغان بىرلەشمە مەكتۇپلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.