خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا 2018-يىلى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى پىلانلىق تۇغۇتقا باغلىغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىشى «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز يېقىندا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن 2016-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 60 دىن ئارتۇق ئازىيىپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا CNN گە فاكىس ئەۋەتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى رەت قىلغان. تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئازىيىپ كېتىشى» بېيجىڭنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سۇغۇرتىسى سىياسىتىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن مەزكۇر رايوندا توغرا ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى «ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئادرىيان زېنز بولسا 2018-يىلى خىتايدىكى ئومۇمىي تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكىنىڭ 80% نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.
CNN نىڭ تەكىتلىشىچە، دائىرىلەر 2018-يىلى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 2017-يىلدىكىدىن 120 مىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 80 مىڭدەك بوۋاقنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇلغانلىقى سەۋەبلىك ئاز تۇغۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، CNN بۇ سوئالنى بۇ يىل 7-ئايدا سورىغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنىڭغا ئەمدى جاۋاب بەرگەن. خىتاينىڭ خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا» ئىرقىي قىرغىنچىلىق «ئېلىپ بېرىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئال مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشى دىققەت قوزغىدى.