تۇمشۇق شەھىرىدىكى ئايرودرومدا رەسمىي قاتناش باشلانغان

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى ئايرودرومغا 26-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ «جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» نىڭ ئايروپىلانى قونۇشى بىلەن رەسمىي قاتناش باشلانغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر ئايروپىلان تۇمشۇق ئايرودرومىغا قونغان تۇنجى ئايروپىلان بولۇپ، 134 يولۇچىنى يۆتكىگەن. بۇ ئايرودروم شىخەنزىدىكى باغچە ئايرودرومىدىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دائىرىسىدىكى 2-پۇقراۋى ئايرودروم ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، سىياسىي كومىسسار لى چېنگو ئىپادە بىلدۈرۈپ، تۇمشۇق ئايرودرومىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى تۇمشۇق شەھىرى بىلەن تاشقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «ھاۋا كارىدورى» شەكىللەندۈرۈپ، مەزكۇر شەھەر ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تارماق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى تۇمشۇق ئايرودرومىدىكى ھاۋا قاتنىشىنىڭ باشلىنىشى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھاۋا سەپىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇمشۇق شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە خوتەن شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىدىكى رايونغا جايلاشقان ئىكەن.

ئانالىزچىلار خىتاينىڭ تۇمشۇق شەھىرىگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا ھاۋا قاتنىشىنى باشلىشى بىڭتۇەننى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى تولۇق كونترول قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا.