تۇڭگان شائىرى ئەن رەن تۇتقۇن قىلىنغان

ئەن رەن تەخەللۇسىدىكى تۇڭگان شائىر شۈي خاۋشىن تىۋىتتىردا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە نازارەت سىستېمىسىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ساقچىلار ئۇنى 24-يانۋار جۈمە كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى جىنەن شەھىرىدىكى ئۆيىدىن «جېدەل پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش» دېگەن جىنايەت گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلغان.

تۇڭگان شائىر ئەن رەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق ئۇ 12-يانۋار كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئامېرىكىدا ياشايدىغان تۇڭگان قىزىنىڭ تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقاندا لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىنى ھەمبەھىرلىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس يازغان. ئۇ ئىنكاسىدا رايوندا بىر مىليون ئەتراپىدا تۇڭگان بارلىقىنى، تۇڭگانلارنىڭمۇ لاگېرلارغا قامىلىپ زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىقىنى يازغان شۇنداقلا ئۇ يەنە گەنسۇدىكى تۇڭگانلارنىڭمۇ ھازىر ئېغىر بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ بۇ تىۋىتتىر ئۇچۇرىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.

ئۇ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىمۇ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانىدى. بىر قىسىم ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلماقچى بولغان ئەن رەننىڭ ئېغىزىنى ئېتىش ھەرىكىتى» دەپ ئىزاھلىغان.