«تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» غا ئەزا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى يېقىندا ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرى: ئورتاق تەرەققىيات ۋە باياشاتلىققا قاراپ ماڭايلى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئاچقان.
تۈركىيە رادىيو-تېلىۋىزىيەسى (TRT) نىڭ 14-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىندا تۈرك دۆلەتلىرىدىكى سىياسەت، دىپلوماتىيە، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد ۋە ئۆزئارا بېرىش-كېلىشلەر مۇھاكىمە قىلىنغان. شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىلى بۇ يىغىنغا كۆزەتچى ئەزا سۈپىتىدە قاتناشقان. قىرغىزىستاننىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى كۇبانچىكبەك بۇ تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانغان. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن تۈركمەنىستان خەلق مەجلىسىنىڭ باشلىقى قۇربانقۇلى بەردىمۇھەممەدوۋغا «دۆلەتنىڭ ئالىي شەرىپى» ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۆزبېكىستان پايتەختى سەمەرقەنتكە «تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتىنىڭ پايتەختى» دېگەن نام بېرىلگەن.
بۇ يىغىندا يەنە تۈرك ئەللىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىس، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتىن قانداق پايدىلىنىش، يوقىرىقى 4 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىدىن قالسا، بەشىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تۈرك ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق ساقلاش، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە، تۈرك ئەللىرىنىڭ ئىقتىساد كارىدورىنى قانداق بەرپا قىلىش دېگەندەك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
خەۋەردىكى مەزمۇندىن قارىغاندا، بۇ يىغىندا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى «شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى تىجارەتتە يېڭى يىپەك يولى شەكىللەندى» دېگەن جۈملىلەر بىلەن تەرىپلەنگەن؛ «كوۋىد سەۋەبىدىن مال تەمىنلەش زەنجىرى بۇزۇلدى» دېيىلگەن، ئەمما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئاۋاز بېرىشتە قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان رەت قىلىش ئاۋازى بەرگەنىدى.