تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى 9 ئادەمنى شەنبە كۈنىدىكى پارتلىتىشقا چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالدى.
شەنبە كۈنى سۈرىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەر كۆپىيىپ 46 ئادەمگە يەتكەن، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. 50 تىن ئارتۇق ئادەم دوختۇرخانىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۈستىدە تۇرماقتا ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ پارتلاش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيە تەرەپنى ئەيىبلىگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ سۈرىيىدىكى توقۇنۇشلارنى تىلغا ئېلىپ، بۇ پارلىتىش قىلمىشىنى ياۋايىلىق دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن.
سۇرىيە ئاخبارات مىنىستىرى يەكشەنبە كۈنى مەزكۇر ئىككى قېتىملىق پارتلاشتا سۈرىيىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.