تۈركىيەدىكى خەلقئارا ئادۋوكاتلار بىرلىكى نۆۋەتتە ئىستانبۇلنىڭ مالتەپە قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. دۇنيا بۈلتەنى قاتارلىق تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغان بۇ باياناتتا، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ياپچاننىڭ 15 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى، 14 يىل بۇرۇن خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى، بۇ بۇيرۇقنىڭ ئەندىلىكتە خىتاي تەرىپىدىن قايتا كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئابدۇقادىر ياپچان 30 - ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇل ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، 30 كۈندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن، ئەتسى يەنە قايتا تۇتقۇن قىلىنىپ 40 كۈنلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.
ئورگان تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ئادۋوكاتلار بىرلىكى دۇنيا مىقياسىدا ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ بەرپاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان بىر خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيە، ماكېدونىيە ۋە سۇدان قاتارلىق 4 دۆلەتتە ۋاكالەتچىلىرى بارلىقى مەلۇم.