تۈركىيىدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا 18 - دېكابىر كۈنى مەرھۇم ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى پېشقەدەم تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ 85 ياشقا كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، جۈملىدىن تۈركىيە ۋە خىتاي تەۋەلىكىدىن بىر تۈركۈم ئىلمىي خادىملار ئۆز ماقالىلىرىنى سۇنغان بولۇپ، ئاساسەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئەسلەش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنىڭ دۇنياۋى قىممىتىگە قاراپ چىقىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىلىرىدىن بىرى ئابدۇرېھىم ھېيت يىغىن ئاخىرىدا ئۆز ئىجادىيەتلىرىدىن ماھارەتلەر كۆرسىتىدىكەن.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 11 - دېكابىر كۈنى ئېچىلغان «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش» يىغىنىدىن كېيىن ئېچىلىدىغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىن ئىكەن.