تۈركىيە ئەمەلدارى: بىز يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ بىر دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى ئىسمائىل دەمىر تۈركىيە NTV قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بىز يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بۇ يەردە ياسىيالايمىز.»

ئۇ يەنە، نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ بۇ تۈرنى ھۆددىگە ئېلىشنى تالىشىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىش ئىلتىماسلىرىغا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە 2013 - يىلى سېنتەبىردە خىتاينىڭ بىر دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى بىلەن يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىش ھەققىدە سۆھبەت باشلىغان، ئەمما ئىككى تەرەپ تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ئىختىلاپلار تۈپەيلى پىكرى بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان.

تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ شۇنداق بىر نازۇك ھەربىي تېخنىكا مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن توختام تۈزۈشكە ئۇرۇنۇشى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتىنى بىئارام قىلغان.

تۈركىيە ئۆتكەن يىلى نويابىردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن تۈزۈلىدىغان 3.4 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى كېلىشىمدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيە دائىرىلىرى ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ھەربىي سائەت شىركەتلىرى بىلەن ئۇزاق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش ھەمكارلىقى ئۈستىدە سۆزلەشمەكتە ئىكەن.