تۈرك قىسىملىرى «دائىش» قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىراققا كىرگەن


4 - دېكابىر تۈرك قىسىملىرى تېررور تەشكىلاتى - «دائىش» جىھادچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە ئىراق قىسىملىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئىراقنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان موسۇل شەھىرىگە يېقىن بىر رايونىغا كىرگەن.

تۈركىيە «يېڭى شەپە» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ رايونغا جەمئىي 1200 تۈرك ئەسكىرى 20 - 25 ئەتراپىدا تانكا ۋە بىرقىسم زەمبىرەكلەرمۇ يۆتكەلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، تۈرك قىسىملىرى«دائىش» ئالدىنقى سېپىگە پەقەت كىلومېتىر 13 كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان.

رېيتېرسنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تۈرك خەۋپسىزلىك خادىمى مۇنداق دېگەن:«تۈرك ئەسكەرلىرى موسۇلنىڭ باشىقا رايونىغا بېرىپ بولدى. ئۇلار ئۇ يەردە تەربىيىلەش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ رايونغا بىر باتاليون كىردى.»

ئەنگلىيە «ھامىي» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باشىقا ئالدىنقى سېپىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كۇرد ھەربىي ئوفىتسېرىمۇ تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ موسۇلنىڭ شەرقىگە كىرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرك ھەربىي مەشقاۋۇللىرى تۈرك بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا پەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن يېتىپ كەلگەن.

مەزكۇر خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئىراق دائىرىلىرى شەنبە كۈنى بايانات بېرىپ تۈركىيەنىڭ ئىراققا قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيەنى ئىراقتىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرىدى.

دائىش 2014 - يىلى ئىيۇندىن بۇيان ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىنى بېسىۋالغان ئىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرىمۇ تۈرك مەشقاۋۇللىرى بۇ رايوندا ئىراق ۋە كۇرد قوراللىق قىسىملىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە ئىراق چېگراسىدىكى كۇرد ئاپتونومىيە رايونى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايلاشقان كۇردلارنى ئۆزلىرىگە تەھدىت ھېسابلايدىكەن.