تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 13 مۇساپىر ئۆلگەن

تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكى ئارقىلىق گرېتسىيەگە بېرىۋېلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان بىر كېمە باشقا بىر پاراخوتقا سوقۇلۇپ كېتىش نەتىجىسىدە كېمىدىكى 13 نەپەر قاچاق سۇغا غەرق بولغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا تۆت بالا بار ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر كېمىنىڭ تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە رايونىدىن گرېتسىيە تەرەپكە ئاتلانغانلىقىنى يازغان. مەزكۇر قاچاقلار كېمىسىنىڭ باشقا پاراخوتقا سوقۇلۇش ۋەقەسى كېچىدە يۈز بەرگەن ئىكەن. قۇتقۇزۇش خادىملىرى قاچاقلارنىڭ 8 نەپىرىنى قۇتقۇزۇۋالغان بولۇپ، داۋاملىق ئىزدەش ئېلىپ بېرىلماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە قاچاقلار ئەتكەسچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى گرېتسىيگە يەتكۈزۈپ قويۇش ھەققى سۈپىتىدە ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن مىڭ يېۋرو تۆلىگەن ئىكەن.

نۆۋەتتە، قاچاق مۇساپىرلار مەسىلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىمۇ جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە قارالماقتا.

شەنبە كۈنى زور ساندىكى مۇساپىرلار ۋېنگرىيەدىن ئاۋستريەگە بۆسۈپ كىرىش ھەرىكىتى باشلىغان.

ت ر ت رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە قاچاقلىرىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق گرېتسىيەگە كېتىشى ۋە باشقا مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تۈركىيەمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتوغلۇ ياۋروپاغا كەتمەكچى بولۇۋاتقان سۈرىيە مۇساپىرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان.