تۈركىيەدىكى ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىشتە ئەردوغاننىڭ قوللىغۇچىلىرى غەلىبە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە ئاساسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئائىت ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشتە دەسلەپكى قەدەمدە پرېزىدېنت رەجەپ تايىپ ئەردوغان ھىمايىچىلىرىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئانودولۇ ئاگېنتلىقى پرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە ئۆتۈشنى قوللىغانلارنىڭ نىسبىتى، يەنى،«ھە» دېگۈچىلەر 52.7% بولغانلىقى، قارشى تۇرغۇچىلار، يەنى «ياق» دېگۈچىلەرنىڭ 47.3%نى ئىگىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

ئىستامبۇل ئاساسى جەھەتتىن پارلامېنت تۈزۈمدىن پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆزگىرىشكە قارشى ئاۋاز ۋەرگەن، ئەمما پايتەخت ئەنقەرە ئاساسىي جەھەتتىن قوللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 55 مىليون ئادەم ئاۋاز بېرىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن.

بۇ قېتىم پارلامېنت تۈزۈمىدىن پرېزىدېنت تۈزۈمىگە ئۆتۈش،تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەڭ زور بىر ئىسلاھات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا پرېزىدېنت رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ھوقۇقى زور دەرىجىدە كۆتۈرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تاكى 2029-يىلىغىچە ھاكىمىيەتتە قېلىش مۇمكىنلىكى ئېيتىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت