تۈركىيە قاتاردا ھەربىي بازا تەسىس قىلىدۇ


رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە «ئورتاق دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش» ئۈچۈن قاتاردا ھەربىي بازا تەسىس قىلماقچى بولغان. بۇ ھەرىكەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2014 - يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھازىرقى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەھۋالدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن قاتار بىردەك «مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىقى» نىڭ مىسىردىكى پائالىيەتلىرىگە شۇنداقلا سۈرىيىدىكى بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار رۇسىيىنىڭ ئەسەد كۈچلىرىگە ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىردەك ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.

تۇركىيەنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەھمەد دېمىرئوقنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر يېڭى ھەربىي بازىنىڭ قاچان تامام بولىدىغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، بۇ يېڭى بازىغا 3000 تۈرك ئەسكىرىنىڭ جايلىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

قاتار دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان ئىكەن.