تۈركىيە قازاقىستاننى مەزكۇر دۆلەتتىكى «گۈلەنچىلەر» نىڭ مەكتەپلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان

تۈركىيەنىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى قازاقىستاننى مەزكۇر دۆلەتتە ئېچىلغان«گۈلەنچىلەر» نىڭ مەكتەپلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلۇ قىرغىزىستاننى گۈلەنچىلەرنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش خەۋپى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ بىر كۈن ئۆتكەندە ئېلان قىلىندى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى تۈرك باش ئەلچىسى نەۋزات ئۇيانىك قازاقىستاندا ئېچىلغان قازاق - تۈرك مەكتەپلىرىنىڭ فەتقۇللا گۈلەننىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە سادىق ۋەخپىلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەنقەرەنىڭ ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ، قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوز قىلىپ: «بۇ مەكتەپلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ رەسمىي دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دېگەن ۋە 15 - ئىيۇل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بۇنىڭغا قارىشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پەيشەنبە كۈنى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلۇ CNN تۈرك تېلېۋىزىيەسىگە«ئەگەر قىرغىزىستاندا ھەربىي ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنى فەتھۇللاھ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلىپ بارىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ، قىرغىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

تۈركىيە دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان دىنىي ئۆلىما فەتقۇللا گۈلەننى 15 - ئىيۇل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ئۆزگىرىشكە چاتقان ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن ئۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا تۈركىيەدىن دەلىل - ئىسپات تەلەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە 270 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى شۇندىن كېيىن 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، نەچچە ئونمىڭ ساقچى ۋە ھەربىيلەرنى تۇتقۇن قىلغاننىڭ ئۈستىگە، ئوقۇتقۇچى، ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ 60 مىڭ ئادەمنى خىزمىتىدىن توختاتقان.