تۈركىيە رۇس ئۇچقۇچىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن رۇسىيەنىڭ SU - 24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى ئولېگ پېشكوۋنىڭ جەسىتىنى رۇسىيە تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەت داۋۇتوغلۇ تۈركىيەنىڭ خاتاي رايونىدىكى پراۋسلاۋ دىنى مۇرىتلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇچقۇچى ئۈچۈن دىنىي قائىدىلەرنى بېجىرگەنلىكى، رۇسىيە تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە جەسەتنى رۇسىيە تەرەپكە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ۋەكىلى ئىگور مىتاكوۋ رۇس ئۇچقۇچىنىڭ جەسىتىنى ئەنقەرە ئايرودرومىدا رۇسىيە باش ئەلچىسى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما جەسەتنىڭ قاچقان ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

SU - 24 تىپلىق رۇسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانى 24 - نويابىر كۈنى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمچى ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، تۈركىيە تەرەپ رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي تۈركىيە تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما رۇسىيە تەرەپ بولسا رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن شەنبە كۈنى تۈركىيەگە قارىتا ئېمبارگو قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيە تەرەپ رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە بارماسلىقى، تۈركىيە سودا شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە قارىتا مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلەرنى قويۇش، تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىگە چەكلىمە قويۇش، رۇسىيە - تۈركىيە ئارىسىدىكى ۋىزىسىز تۈزۈمنى بىكار قىلىش ۋە باشقىلارنى ئېلان قىلغان.