تۈركىيە-رۇسىيە S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى كېلىشىمى ئىمزالىدى

جۈمە كۈنى تۈركىيە رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى كېلىشىمى ئىمزالىغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 2 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتى - ناتو دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان.

تۈركىيەمۇ ناتوغا ئەزا بولۇپ، ناتوغا ئەزا ئەللەر-ئارا ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى بار. بۇ كېلىشىم بويىچە ناتو ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئارمىيەلەر ھەربىي بۇيرۇقلارنىمۇ ئورتاق چۈشۈرگىلى بولىدىغان شەكىلدە بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان.

شۇ سەۋەبتىن ناتو دائىرىلىرى رۇسىيە تېخنىكىسىنى ناتو ھەربىي تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولمايدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن.

كېلىشىم بويىچە رۇسىيە دائىرىلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى 2020-يىلى مارتنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۈركىيەنىڭ قولىغا يەتكۈزىدىكەن.

باشقا ئاخباراتلارغا قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۆھبىتى بىر يىل ئاۋاللا باشلانغان ۋە ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان بولسىمۇ، كېلىشىم ئىمزالاش بۇ سىستېمىنى سېتىۋېلىشقا كېتىدىغان مەبلەغ مەسىلىسى تۈپەيلى كەينىگە سۈرۈلگەن ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنقەرە دائىرىلىرى بۇ بومبا سىستېمىسىغا كېتىدىغان پۇلنىڭ 45 پىرسەنتىنى باشتا بىراقلا تۆلەيدىكەن. قالغان 55 پىرسەنتىنى رۇسىيەدىن قەرز ئالىدىكەن.

تۈركىيەدىن چىقىدىغان «ھۆرىيەت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قەرزنى دوللار شەكلىدە ئەمەس، رۇسىيە رۇبلىسى شەكلىدە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاخباراتلارغا ئېيتىشىچە، شۇنداق بولغان ئۆسۈم چىقىمىدىن 3 پىرسەنت تېجەپ قالغىنى بولىدىكەن.

چارشەنبە كۈنى رۇسىيە دۆلەتلىك رۇستەك گۇرۇھىنىڭ باشلىقى سېرگېي چېمېزوۋ رۇسىيە ئاخباراتلىرىغا رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىدىن 4 نى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى جۈمە كۈنىدىكى خەۋەرلەردە تۈركىيەنىڭ ھازىرچە بۇ خىل سىستېمىدىن پەقەت ئىككىنىلا سېتىۋالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، پۈتۈنلەي تۈرك قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن. بومبا مەشغۇلاتىغا رۇسىيە مەسلىھەتچىلىرى ئارىلاشتۇرۇلمايدىكەن.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تۈركىيە دائىرىلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى خىتايدىن سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كېيىن سودىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.