تۈركىيە بىلەن رۇسىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى


رۇسىيەنىڭ گازپروم شىركىتى باشلىقى مىللېر بىلەن تۈركىيە ئېنېرگېتىكا ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى تانېر يىلدىز رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنى قارا دېڭىز ئارقىلىق تۇتاشتۇرىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى ھەمدە مەزكۇر تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى قىسىملىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

رۇسىيەنىڭ رېگنۇم تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ تۈركىيىدىكى قىسىملىرى ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلىرنى بېكىتكەن.

2014 - يىلى، 1 - دېكابىردا گازپروم بىلەن تۈركىيەنىڭ بوتاس شىركىتى قارا دېڭىز ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنى تۇتاشتۇرىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇش ھەققىدە مېموراندۇم ئىمزالىغان ئىدى.

كېلىشىم بويىچە رۇسىيە تۈركىيىگە مەزكۇر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق ھەر يىلى 63 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ماڭدۇرىدىكەن.

مەزكۇر گاز تۇرۇبىسىنىڭ بىرىنچى تارمىقى 2016 - يىلى دېكابىردا پۈتتۈرىلىدىكەن.

ئۆتكەن يىلى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغاندا مەزكۇر نۇقتا بويىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ھەمدە ھازىر رۇسىيە تۈركىيەنى تەمىنلەۋاتقان گاز باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ بەرگەن ئىدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان غەربنىڭ ئىقتىسادىي ئىمبارگوسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ۋە تۈركىيە بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.