تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش سۆھبىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكىر ئىشقنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن. ئەمما ئۇ، بۇ ھەقتە بىرەر كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.

تۈركىيەدىن چىقىدىغان «ساباھ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئىشق ئەپەندىم مۇنداق دېگەن: «روشەنكى تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق. ئەمما ناتوغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر ھازىرغىچە باھاسى مۇۋاپىق بىرەر سىستېمىنى تەمىنلەپ باقمىدى.»

ئۇ يەنە، رۇسىيە بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ: «ئەمما بۇ دېگەنلىك كېلىشىمنى ئەتىلا ئىمزالايمىز، دېگەنلىك ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن مەزكۇر سىستېمىنى سېتىۋېلىش خەۋىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئەينى چاغدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتى- ناتوغا ئەزا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن شۇنداق بىر ھەربىي تېخنىكىنى سېتىۋېلىشى بەزى رىقابەتلەرنى تۇغدۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، بۇ ھەقتە توختالغان ئىشق ئەپەندىم رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان مۇداپىئە سىستېمىسىنى ناتو تەمىنلىگەن سىستېمىلار بىلەن ئارىلاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ناتوغا ئەزا ئەللەرنىڭ رۇسىيەدىن ئۆز ئالدىغا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشىغا قارىتا بىرەر چەكلىمە يوق ئىكەن.

2015-يىلى تۈركىيە خىتايدىن 3 مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بىر ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى پىلان قىلغان، ئەمما ئۇ نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مەزكۇر پىلانىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.

تۈركىيە بۇ نۆۋەت رۇسىيەدىن سېتىۋېلىشنى پىلان قىلىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سودىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغان ياكى ئەمەلىيلەشمەيدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ئەگەر بۇ سودا ئەمەلىيلەشسە بۇ، تۈركىيە-رۇسىيە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدىكەن.