ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۇرد قوراللىقلىرىغا ھۇجۇم باشلىغانىدى. 15-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، تۈركىيەدىن بۇ خىل ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ: «سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى ھۆرمەتلىنىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولسا «مەقسىتىمىزگە يەتمىگۈچە ھەرگىزمۇ بولدى قىلمايمىز» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل سۈرىيەدىكى بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى چاقىرىقىنى بەزىلەر «خىتاينىڭ سۈرىيەگە يان بېسىۋاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسى» دەپ قارىماقتا ئىكەن.
رويتېرسنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى تۈركىيەگە ئېمبارگو قويۇشنى باشلىغان.