تۈركىيە يېقىندىن بۇيان دۆلەت ئىچى - سىرتىدا 2 مىڭ تېررورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رېيتېرستا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغان جۈمە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رېيتېرستا ئاخابار تېلېۋىزىيەسىگە ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەردۇغان مۇنداق دېگەن: «ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورچىلاردىن ئىككى مىڭى ئۆلتۈرۈلدى.»
تۈركىيە يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بىر نەچچە قېتىم زور تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان ئىدى.
بۇلارنىڭ بىرى بۇ ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەنقەرەدىكى چوڭ ۋوگزال يېنىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى. بۇ ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 100 ئادەم ئۆلگەن، 250 كە يېقىن ئادەم يارىلانغان.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۆلىتى جىھادچىلىرىغا قارشى ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان ئىدى.