«شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ باشلىقى تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.02.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


تۈركىيەنى بازا قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئەسەر تۈركىستانلى ساكا خانىم، تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

تۈركىيە پارلامېنت سايلىمى بۇ يىل 6 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيەسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسەر ساكا خانىم ئۆزىنىڭ 36 يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، پارلامېنت ئەزالىقىغا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن نامزاتلار نامزاتى بولۇشنى قارار قىلغان.

نۆۋەتتە تۈركىيە پارلامېنتىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت - تەرەققىيات پارتىيەسىدىن باشقا 3 ئۆكتىچى گۇرۇھ بار. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنتتىكى 2 - چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە. مەزكۇر پارتىيە، ئادالەت - تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ، ئا ك پ ھۆكۈمىتىنى تايلاند، مالايشىيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا باش پاناھ بولۇشنى، ئۇلارنى تېزرەك تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئەسەر تۈركىستانلى ساكا خانىم، ئۆزىنىڭ نامزاتلىقى توغرىلىق ت ر ت مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئەگەر ئۇتۇققا ئېرىشسە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداشقا، ) ئۇيغۇر( كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئۇنىڭ نامزاتلىقى ئۇتۇقلۇق بولسا، ئۇ تۈركىيەدە پارلامېنت سايلىمىغا چۈشكەن 2 - ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ.

1998 - يىلىدىكى تۈركىيە پارلامېنت سايلىمىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى جامال تارانچى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، بىراق سايلىنالمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.