تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «كۈندىلىك ساباھ» گېزىتىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى شۇ كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ بىلەن توردا سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) نىڭ رەئىسى مۇستافا شەنتوپ تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت باغلىنىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەۋقەسى ئېنىق، سەمىمىي ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپنى ئاساس قىلىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئېچىلغان بولۇپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. مۇھاكىمە جەريانىدا مۇستافا شەنتوپ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ شۇ خەلقلەر ياشاۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مۇستافا شەنتوپ بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ ئۇنى دەستەك قىلىۋالماسلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت يېقىنقى يىللاردا ئىزچىل يۈكسىلىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈپەيلىدىن خىتايغا بولغان بېقىندىلىقى تېخىمۇ ئاشماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «كاتو ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول: «ناۋادا ئەردوغان 2023-يىلىدىكى سايلامدا داۋاملىق سايلىنىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پەرۋاسىزلىق مەۋقەسى داۋام قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ھازىر تۈركىيە ئۈچۈن يېتەكچى ۋە باشپاناھ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.
