ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراھمان ئۆزتۈركنىڭ تۈركىيەدە ئىشلىگەن تۇنجى كىنوسى «ئاق كىت» تاماشابىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن


ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراھمان ئۆزتۈركنىڭ تۈركىيەدە ئىشلىگەن تۇنجى فىلىمى «ئاق كىت» 24-مارتتىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسىي شەھەرلىرىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغان.

«تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر فىلىم بىر ئۇيغۇر رېژىسسور تەرىپىدىن تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تۇنجى فىلىم بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ دىققەت قوزغىماقتىكەن.

تۈركىيەدىكى «بەياز پەردە» ناملىق كىنو ئوبزورچىلىقى تورىدا مەزكۇر فىلىمنىڭ بالىلار دۇنياسىغا بېغىشلانغان ياخشى بىر فىلىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى باھالار ئورۇن ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، «ئاق كىت» فىلىمىنىڭ بىر بۆلۈمى ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئاساسەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كىچىك ئەلى بىلەن ۋاھابنىڭ يىراق يېزىدىكى بالىلىق سەرگۈزەشتىلىرى ۋە چىن دوستلۇقى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ئىچىدە تەسۋىرلەنگەن.

مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك «ئەرك تېلېۋىزيەسى» نىڭ ساھىبى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر كۆپلىگەن تارىخىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت فىلىملىرىنى ئىشلەپ، كۆرۈرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان.