تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى توقۇنۇشتا يارىلانغانلاردىن ئەپۇ سورىدى

بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ چوڭ مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان تەقسىم مەيدانى يېنىدىكى غازى باغچىسىدا تىجارەت مەركىزى سېلىش پىلانىغا قارشى ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشتا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن،4-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىر ياردەمچىسى بۈلەنت ئارىنچ توقۇنۇشتا يارىلانغانلاردىن ئەپۇ سورىدى.

ساباھ گېزىتى قاتارلىق تۈرك مەتبۇئاتلىرى ۋە ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە تۈركىيە باش مىنىستىر ياردەمچىسى بۈلەنت ئارىنچنىڭ توقۇنۇشتا يارىلانغان شەھەر ئاھالىلىرىدىن ئەپۇ سورىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىستانبۇلدا باشلانغان نامايىش تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە قاتارلىق ئون نەچچە شەھىرىگە تېزلىكتە كېڭەيگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىمۇ چارشەنبە كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.