خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى، تۈركىيەدىن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سەزگۈرلۈكى» گە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن 5-يانۋار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغان. چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىغا خىتاينىڭ كاشىلا چىقارغانلىقى، ھەتتا تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىغىمۇ يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاستىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش ئەلچى ليۇ شاۋبىن مۇخبىرلارغا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، «تۈركىيە تەرەپنى سەمىمىيلىك بىلەن شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقى»، لېكىن «مېھمانلار ئۆينىڭ سەزگۈرلۈكىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان. تۈركىيەدىكى msn.com تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ليۇ شاۋبىن مەتبۇئاتلاردا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە ئىككى دۆلەتلەرنىڭ جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «جىنايەتچىلەرنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ۋە دىنىي-ئېتىقادىغا قارىماسلىق» نى تەكىتلىگەن.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۆتكەن ھەپتە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ تۈرك پۇقراسى بولغان بەزى ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، لېكىن تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى ۋە بەرمەيدىغانلىقى، تاراتقۇلاردا چىققان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

لېكىن ليۇ شاۋبىن سۆزىدە، خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە تىجارەت ھەجمىنىڭ 36 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ رايوندىكى باستۇرۇشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ليۇ شاۋبىن غەربنى «شىنجاڭ مەسىلىسىدە» خىتايغا قارشى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب ئائىلە ئەزالىرىغا نېمە بولغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقلىرىنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.