2-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىكى قەھرامانماراش شەھىرىنى مەركەز قىلغان ئون نەچچە شەھەردە 7.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، 8 مىڭ 574 ئادەم قازا قىلىپ، 49 مىڭدىن كۆپ ئادەم يارىلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ قانات يايغان.
تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولغان ۋېيبودا ئېلان چىقىرىپ، تۈركىيەگە ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە خىتايدىن پۇل ئىئانە قىلماقچى بولغان شەخس ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى بىلەن دىيانەت ئىشلىرى مىنىستېرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى ھېساباتنى تەۋسىيە قىلغان.
ئەمما بۇنىڭغا ئىنكاس يازغان خىتلار تۈركىيەنىڭ خىتاي ئاۋىياماتكىسىنى بوسپۇر بوغۇزىدىن ئۆتكۈزمىگەنلىكى، «كۇردلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، سۈرىيەلىكلەرنى ئەزگەنلىكى» ھەققىدە ئەيبلەپ، «سىلەرگە بىر تىيىنۇ بەرمەيمىز» دېگەن، ھەتتا تۈركىيەنى «تىلەمچى» دەپ ھاقارەتلىگەن. بەزىلىرى تۈركىيەنى يىلانغا، خىتاينى دېھقانغا ئوخشىتىپ، «يىلاننى قۇتۇلدۇرساڭ جېنىڭغا زامىن بولىدۇ» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن. ئارىدىن بىرسى: «بۇنداق ئاپەت ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلمايلى» دەپ ئىنكاس يازسا، ئۇنىڭغا جاۋاب يازغان بىر خىتاي: «مەن ئاشۇنداق رەھىمسىز، قانداق قىلىسەن؟» دېگەن، بۇنىڭغا ئىنكاس يازغان باشقا خىتايلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن «مەنمۇ شۇ پىكىردە» دەپ ئاۋاز قوشقان.