تۈركىيە «ئېلېكترونلۇق ۋىزا سېسىتمىسى» دىن پايدىلىنالايدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا خىتاينىمۇ كىرگۈزدى. ئېلېكترونلۇق ۋىزا سېسىتمىسى تور ئارقىلىق تۈركىيە ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىشقا ۋە ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا ۋىزا ئېلىشقا ئىمكان تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان بىر خىل سېستىما بولۇپ، ھازىرغىچە تۈركىيە 94 دۆلەت پۇقرالىرىنى بۇ سېستىما ئارقىلىق ۋىزا ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرغان.
تۈركىيىنىڭ بۇ سېستىمىسى ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچى خىل گۇرۇپپىدىكى دۆلەت پۇقرالىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق شەرتسىز ۋىزا ئالالايدىكەن. بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيىگە ئوخشاش 40 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىككىنچى خىل گۇرۇپپىدىكى دۆلەت پۇقرالىرى بولسا بەزى شەرتلەر ئاساسىدا تۈركىيە ۋىزىسى ئالالايدىكەن. بۇ دۆلەتلەر خىتاي، ئافغانىستان ۋە ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتىدا ئەگەر ياۋرۇپانىڭ شەنگەن ۋىزىسى ياكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرىنىڭ ۋىزىسى بولسا، تور ئارقىلىقلا تۈركىيە ۋىزىسغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە، كورىيە، پولشا، ئىسپانىيە قاتارلىق 20 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.