ئەردوغان، ئەگەر ياۋروپا داۋاملىق بېسىم ئىشلەتسە، كۆچمەنلەرگە چېگرانى ئېچىۋېتىمىز، دېدى

تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ياۋروپا ئانقەرەگە داۋاملىق بېسىم ئىشلەتسە، ياۋروپاغا بارىدىغان مۇساپىرلارغا چېگرانى ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ياۋروپا پارلامېنتى بىلەت تاشلاپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇزاكىرىسىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەردوغان جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، «ئەگەر يەنە ئىلگىرى كەتسىڭىز، پۈتۈن چېگرا ئېغىزلىرى ئېچىۋېتىلىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە، «يا مەن، يا مېنىڭ خەلقىم بۇ قۇرۇق پوپۇزىلاردىن ئۈركۈپ قالمايدۇ. پۈتۈن ھەممىڭىز ئاۋاز بەرسىڭىزمۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق» دەپ تەكىتلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە بۇ يىل 3‏-ئايدا كېلىشىم ئىمزالاپ، تۈركىيەگە نەچچە مىليارد دوللار ياردەم بېرىدىغان، تۈركىيە كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپاغا ئېقىپ كىرىشىنى توسىدىغان بولغان. ئەردوغان سۆزىدە يەنە، 3 مىليون مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋەدىسىدە تۇرماسلىق بىلەن تەنقىد قىلدى.

ئەمما گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئەردوغاننىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇساپىرلار كېلىشىمى ھەر ئىككى ئەلنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، «تەھدىتنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق»لىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 15‏-ئىيۇل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى تېز يامانلىشىشقا باشلىغان. ئاكادېمىكلەر، ژۇرنالىستلار، سوتچىلار، ھەربىيلەر ۋە كۈرت سىياسىي رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 125 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تېررورلۇق ۋە فەتھۇللاھ گۈلەنگە باغلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشى ياكى خىزمىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.