خىتايدىن قېچىپ چىقىپ تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان 3 نەپەر ئۇيغۇر 3-ئىيۇن كۈنى چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانداق مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگەنلىكى ۋە كېچە-كۈندۈز قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقلىرىنى ئاشكارلىغان. ئۇلار لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 4-ئىيۇن باشلىنىش ھارپىسىدا چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا گۇۋاھلىق بەرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈمەريەم روزى ئىسىملىك بىر شاھىت ئۆزىنىڭ 2007-يىلى 4-بالىسىغا ھامىلدار بولغانلىقى، بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قورساقتىكى 6 يېرىم ئايلىق بالىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى باشقا 8 ئايال بىلەن بىرگە ماشىنىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەھمۇت تەۋەككۈل ئىسىملىك يەنە بىر شاھىت ئۆزىنىڭ 2010-يىلى تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭ بىر قېرىندىشى تۈپەيلى تۇتقۇن قىلغانلىقى، بۇ قېرىندىشىغا دىنىي كىتاپ نەشر قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇلغانلارنى كاھىشلىق يەرگە ياتقۇزۇپ، قول-پۇتلىرىنى كىشەنلىگەن، گاز تۇرۇبىسىدەك تۇرۇبىغا باغلاپ، كېچىچە سوراق قىلغان ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ كىشىلەر ۋىدېيو ئارقىلىق لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىمۇ گۇۋاھلىق بېرىدىكەن. خەۋەردە ئەنگىلىيەدىكى مەزكۇر مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى 4 كۈنلۈك گۇۋاھلىق يىغىنىدا نەچچە ئونلىغان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىقىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.