«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى: خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە قوزغىغان

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى 1-فېۋرال خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە قوزغىغانلىقى، قولغا ئېلىشنىڭ كۆپىيىشى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ۋە بېيجىڭ بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشى ئۇيغۇرلاردا تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىنى ئازايتقانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە نۇرغۇن يىللاردىن بېرى سىياسىي، دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «پاناھگاھى» بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى قولغا ئېلىشلار ۋە خىتاي بىلەن ئىمزالانغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى نۇرغۇن كىشىلەردە تۈركىيە ئەمدى «پاناھگاھ ئەمەس» دېگەن ئەندىشىنى قوزغىغان.

خەۋەردە، ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا چېتىپ تۇتقۇن قىلىشى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئىزچىل يۈز بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يېقىنقى ئايلاردا كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئەڭ يېقىنقى تۇتقۇننىڭ 18-يانۋار يۈز بەرگەنلىكى، ئىستانبۇل ساقچىسىنىڭ 3 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە، ئۇيغۇر تۇتقۇنى ئابدۇللا مەيسەيدىنىڭ ئايالى مەلىكەنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ «ھەممىمىز ساراسىمغا چۈشتۇق»، «كېچىسى ئۇخلىيالمايۋاتىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە، ساقچىلارنىڭ ئابدۇللا مەيسەيدىنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، بىر ساقچىنىڭ مەلىكەگە ئېرىنى «خىتايغا قارشى پائالىيەت قىلغان» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن. «ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بۇ خەۋىرى تۈركىيەدىكى «ئىيى»، «كېلەچەك»، «سائادەت» قاتارلىق پارتىيەلەر ئەردوغان ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان م ھ پ نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈشىگە سۈكۈت قىلىش ۋە تۈركىيەدىكى سول سىياسىي پارتىيە- «ۋەتەن پارتىيەسى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ ھۇجۇم قىلىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.