چېخىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئوندرېي كلىمېس ئامېرىكادىكى «جېيمىستوۋېن فوندى» نىڭ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قورقۇتۇش، بېسىم ئىشلىتىش، ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق ھەر خىل تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي بۇرۇندىنلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق نازارەت قىلىپ ۋە ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئوندرېي كلىمېس «خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى نىشانغا ئېلىش تاكتىكلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە چېن چۈئەنگونىڭ رادىكال باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتلەر ئۇلغىيىشى بىلەن خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكىمۇ كۈچەيگەن. ئۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى قورقۇتۇش ياكى ئۇلارنى گۆرۈدە تۇتۇش خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەركىتىنى باستۇرۇشى، شۇنداقلا نىشاندىكى كىشىگە دائىر كونكرېت ئۇچۇرغا ئېرىشىشى ياكى ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى بىر خىل ئورتاق تاكتىكىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئوندرېي كلىمېس، ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ خىل بېسىمىغا ئۇچرىغان بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، بەزىدە خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قارشى تەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدىغانلىقى، يەنە بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا تېلېفون قىلدۇرىدىغانلىقىنى، بۇ خىل تاكتىكىنىڭ ئۇلاردا «ئائىلەم گۆرەگە تۇتۇلۇپتۇ» دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئوندرېي كلىمېسنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بەزى قانۇنى ۋاستىلارنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن. ئۇ، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ بۇ خىل ۋاستىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، گەرچە بۇ كېلىشىم تېخى تەستىقلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن بەزى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ياكى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.