تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ فېيسبوكىدا يېزىلىشىچە، تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۈنۈگۈن يەنى 20-دېكابىر ئىستانبۇلدا باش قوشۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
يىغىندا نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ كۈچەپ ئۇرۇنۇۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى پارچىلاش، پاسسىپلاشتۇرۇش ۋە يوق قىلىش قەستىگە قارىتا سەگەك بولۇش، تەدبىرلىك بولۇش ۋە كۈچنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى يېقىنقى بىر -ئىككى يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن؛ ھەتتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا، تۈركىيەگە بېرىپ كەلگەن ھەرقانداق بىر ساياھەتچى قاتتىق سوئال-سوراققا دۇچ كەلگەن.
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مەزكۇر يىغىنغا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقى تۈركىستان ۋەخپى، شەرقى تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلات رەھبىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم ھاجى، ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، جېلىل تۇران، ئۆمەر قۇل، تىبەت يۈجەتۈرك، سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ۋە ئىسمائىل چېنگىز قاتارلىق 20 ئەتراپىدا ئاكتىپ پائالىيەتچى ئىشتىراك قىلغان.