ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئائىلە جۇدالىقى مەسىلىسى خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا بۇ ھالنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. «مىكروسوفت خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ 31-دېكابىردىكى ماقالىسىدا تۈركىيەدىكى 50 مىڭچە ئۇيغۇر مۇھاجىر دۇچ كېلىۋاتقان بىر زور مەسىلىنىڭ دەل مۇشۇ خىلدىكى ئائىلە جۇدالىقى ئىكەنلىكى ئالاھىدە يەر ئالدى.
مۇخبىرلار بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر يېتىملار مەكتىپىنى زىيارەت قىلغان. مەكتەپ مەسئۇلى ھەبىبۇللا كۇسەنىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ جايدىكى ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ بەزىلىرى ئانىسىدىن، بەزىلىرى ئاتىسىدىن، يەنە بەزىلىرى بولسا ئاتا-ئانىسىدىن بىراقلا جۇدا ھالدا ياشىماقتا ئىكەن. بۇ جايدىكى بەزى گۆدەكلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن باشلىنىش ئالدىدا تۇغقان يوقلاش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە يول ئالغانچە ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان.
مۇخبىر بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن غايىپ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى سورىغاندا ھەبىبۇللا تۈركىيەدەك مۇسۇلمان دۆلىتىگە بېرىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىل-يېزىقى بىلەن ھەپىلىشىش دېگەنلەرنىڭ بۇ كىشىلەرنى دەرھاللا لاگېرغا يوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداقلا تامدىكى «شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى» نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۇ خىلدىكى مەنئى قىلىنغان نەرسىلەرنى كۆرگەنلەرنىڭ بولسا كاللىسىدىن جۇدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيەدىكى بۇ يېتىم گۆدەكلەرنىڭ بەزىلىرى ھېلىھەم ئۆزلىرى خىتايدىن قېچىپ چىقىش ئالدىدا مەھەللە-مەھەللىلەرگە كۆزىتىش كامېرالىرى ئورنىتىلىۋاتقانلىقىنى، دوقمۇش-دوقمۇشلاردا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىيەلەيدۇ. ئەنە شۇنداق يېتىملاردىن بىرى بولغان تۇرسۇناي ئەينى ۋاقىتتا دادىسىدىن «دادا، ئۇلار نېمىشقا بىزنى مارايدۇ؟» دەپ بالىلارچە سورىغاندا دادىسى «قىزىم، بىز مۇسۇلمان بولغاچقا ئۇلار شۇنداق قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە دەسلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بۇ يىل سېنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۆز قىلغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلانى ساناپ ئۆتۈش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان. مۇخبىرلار بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكنى دەستەك قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرغا پاناھ جاي بەرگەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى، چۈنكى باشقا ھېچقانداق بىر ئىسلام دۆلىتى ياكى غەرب دۆلىتىنىڭ بۇنداق قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇخبىرلارنى ئالاھىدە قىزىقتۇرغان يېرى، بۇ گۆدەكلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ قەتئىيلىككە تولغان ئىرادىسى بولغان. يېتىم بالىلارنىڭ بىرى بولغان فاتىمە «مەن خىتايلارغا شۇنى دەپ قوياي: بىزنى بوزەك چاغلاشما! بىزنىڭ دۆلىتىمىز، خەلقىمىز پات ئارىدا سەنلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى تارتىۋالغان بىلەن بىز ئۇنى جەزمەن قايتۇرىۋالىمىز» دېگەن.