بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مەخسۇس ئۇچۇر بېرىپ، رايوندا تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 64 نەپەر تۈرمە ساقچىسى 17-دېكابىردىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم مەشىق بازىسىدا ئۈچ ئايلىق رەسمىي مەشىقنى باشلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان تۈرمە ساقچىلىرى تۈرمە باشقۇرۇش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «قوش تىللىق» بولۇشى بىردەك شەرت قىلىنغان ئىكەن.
«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىدە چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان رايوندا ساقچىلار بىلەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنى جىددىي رەۋىشتە كۆپەيتىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. رادىيومىزنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ساقچىخانىلاردىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى ئۈچ ئاي مابەينىدە يېزا-كەنتلەردە ياردەمچى ساقچىلار ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۈرمە ساقچىلىرىنى كۆپەيتىشكە باشلىغانلىقى بۇ يىل يازدىن بۇيان رايوندا كېڭەيتىپ قۇرۇلۇۋاتقان تۈرمىلەرنىڭ ئادەم كۈچىگە بولغان زور ئېھتىياجىنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتمەكتە، دەپ ھېسابلىماقتا.