تۈرمىدە تۇيۇقسىز ئۆلگەن خىتاي پائالىيەتچىسىنىڭ قەستكە ئۇچراش ئېھتىمالى ھەققىدىكى ۋەسىيىتى ئاشكارىلاندى

29-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ خۇبېيدىكى تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پىڭ مىڭنىڭ تۈرمىدە تۇيۇقسىز ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەرھۇمنىڭ 1998-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى قولغا ئېلىنىش ئالدىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە يازغان «ئەگەر ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلگەنلىكى ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلسا، بۇنىڭ ئۇنىڭغا قىلىنغان قەست ئىكەنلىكى»ھەققىدىكى ۋەسىيىتىنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پائالىيەتچىسى پىڭ مىڭ 1998-يىلى «خىتاي تەرەققىيات بىرلەشمىسى» نامىدا تەشكىلات قۇرۇپ، خىتايدا دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يىلى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن. 2000-يىلى 9-ئايدا پىڭ مىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قېچىپ چىققان. ئەمما 2005-يىلى 5-ئايدا بېرمىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنىپ، 2005-يىلى 10-ئايدا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇخەن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن«تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما پىڭ مىڭ ئەينى چاغدا سوتتا ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتنى قوبۇل قىلمىغان.

بۇ يىل 29-نويابىر كۈنى پىڭ مىڭنىڭ جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان خۇ بېيدىكى شەننىڭ تۈرمىسىدە تۇيۇقسىز ئۆلگەنلىك خەۋىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈلگەن. تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈپ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى، دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.