خىتايدا تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان

ئامېرىكادىكى بىر ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ 18-يانۋار پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2023-يىلى خىتايدا تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ 50 پىرسەنتىنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ، خىتاي ئومۇمى نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ژۇرنالىستلارنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىشى، خىتاينىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا باشلىغان چوڭ باستۇرۇشىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

مەركىزى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى» نىڭ 18-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە خىتاي دۇنيادا ئاخبارات خىزمىتى سەۋەبىدىن تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىستلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغان.

«ژۇرنالىستالارنى قوغداش كومىتېتى» توپلىغان سانلىق مەلۇماتتا، خىتايدىكى ئاخبارات خىزمىتى سەۋەبىدىن تۈرمىگە قامالغان 44 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تىزىملىكتىكى بۇ 44 كىشىنىڭ 19 نەپىرىنى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار تەشكىل قىلغانىكەن.

2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا تۈرمە، لاگېرلارغا قامالغان ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئەمىلى سانى بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئاشكارا مەنبەلەردىن ئېرىشكەن بۇ سانلىق مەلۇماتنى نىسبەتلەشتۈرگەندە بۇ يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرى دۇچ كەلگەن رېئاللىقنى ئەكس-ئەتتۈرمەكتە. «ژۇرنالىستالارنى قوغداش كومىتېتى» نىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي مەھبۇسلارنىڭ قاماق جازاسى توشقاندىن كېيىنمۇ، ئۇلارنى «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئەۋەتمەكتە ياكى داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرماقتىكەن.

دوكلاتتا، «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئىشلىگەن بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.