تۇرپاندا ئادۋوكاتلار «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» كە قاتناشماسلىق ھەققىدە تىلخەتكە مەجبۇرلاندى


تۇرپان شەھىرى تەۋەسىدىكى ئادۋوكاتلار قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىنامە قول قويۇشقا مەجبۇرلانغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئادۋوكاتلارغا قول قويدۇرۇلغان مەزكۇر ۋەدىنامىدە «ئادۋوكاتلار چوقۇم ئائىلە ئەزالىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ھىجاپلانمايدىغانلىقى، ياغلىق ئارتمايدىغانلىقى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقى ۋە ئائىلىسىدىكى ياش ئەرلەرنىڭ ساقال - بۇرۇت قويمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغان.

ئۇنىڭدا يەنە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكىگە ئوخشاش ھىجاپلىنىدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، شۇڭا جەمئىيەتتىكى ئاساسىي مۇھىم كۈچ بولغان ئادۋوكاتلارنىڭ مۇشۇنداق رادىكاللىقلارغا قارشى تۇرۇشتا باشلامچىلىق رول ئوينىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى قاتتىق ئەيىبلەپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئادۋوكاتلارنى ئۆز خىزمىتىنىڭ شەرىپىنى قوغداش يولىدا ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولۇش ياكى ئادۋوكاتلىق ئەخلاقىنى چەيلەپ تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى شەرتسىز قوغداشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا قىستىماقتا، دېگەن.

ۋەدىنامە يازدۇرۇش خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدىكى ناھىيە - بازار، يېزا - كەنتلەردىمۇ ئىجرا قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھەتتا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان دېھقانلار قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق، قاتناشقانلارنى مەلۇم قىلىش ھەققىدە ۋەدىنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلانغان ئىدى.