خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن تۇرپان كارىزلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خېلى كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
مەلۇمكى، كارىز قۇرۇلۇشى تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، يەر ئاستى سۈيىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان سۇ قۇرۇلۇش سىستېمىسىدۇر.
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 2000 - يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر تۇرپان رايونىدىكى 1108 كارىزدىن پەقەت 278 كارىزدىلا سۇ قالغان. قۇمۇل رايونىدىكى كارىزلارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغان. كارىز مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن تاكى 2009 - يىلىغىچە بولغان 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىكى مىڭلارچە كارىز قۇرۇپ كەتكەن. بۇ دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن ۋەيران قىلىنىنىشى ھېسابلىنىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىكى كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدە رايوندىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە يەر ئاستى سۈيىنى قالايمىقان ئېچىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بولۇپمۇ، تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىكى نېفىت بايلىقىنىڭ ھەسسىلەپ قېزىلىشى بۇ يەردىكى كارىزلارنىڭ تېز سۈرئەتتە قۇرۇپ كېتىشىنى تېزلەتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرپان كارىزلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور مىقداردا مەبلەغ سالغانلىقىنى داۋراڭ قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن ۋەيران قىلىپ ئارقىدىن تۈزەشنى ئويلىشىشتەك مۇھىت كرىزىسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.